روسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلىدىغان تۆت تەرەپلىك يىغىنغا تۈركىيە ، روسىيە ، ئىران ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى قاتنىشىدۇ.
دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بۈگۈن موسكۋادا روسىيە ، ئىران ۋە سۈرىيەدىكى كەسىپداشلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ.
مىنىستىرلىكنىڭ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىغا قارىغاندا ، «يىغىندا تۈركىيە بىلەن سۈرىيەنىڭ مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ، تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ، سىياسىي جەريان ، ئۆز ئىختىيارلىقى قاتارلىق ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش پىلانلانغان».
ئىگىلىنىشچە ، چاۋۇشوغلۇ يىغىن دائىرىسىدە ئىككى تەرەپلىك يىغىن ئېچىشى مۇمكىن ئىكەن. چاۋۇشوغلۇنىڭ موسكۋادا روسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروف ، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھيان ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فايسال مىقداد بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
يەنە بىر تەرەپتىن ، بەششار ئەسەد ئىران پرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئيسى بىلەن كۆرۈشكەندە موسكۋادا تۆت تەرەپلىك ئۇچرىشىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ، بۇ تەشەببۇسنىڭ مەقسىتى ۋە ئاخىرقى ماھىيىتىنى ئىشغالىيەتچى كۈچلەرنىڭ چېكىنىشى ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى نورماللاشتۇرۇش يولى «تېرورلۇق گۇرۇپپىلىرى»نى قوللاشنى ئازايتىش كېرەك دەپ ئوتتۇرىغا قۇيغان.