سەئۇدى ئەرەبىستان مىنىستىرلار كېڭىشى خىتاي، فرانسىيە ، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىق تۈرلىرىنى مۇزاكىرە قىلىشنى قارار قىلدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (SPA) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، پادىشاھ سالمان بىن ئابدۇلئەزىزنىڭ رىياسەتچىلىكىدە جىددەدە ئۆتكۈزۈلگەن كابىنېت يىغىنىدا، خىتاي تەرەپ بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك بىرلەشمە كومىتېت قۇرۇش كېلىشىمىنى تولۇقلاش ئۈچۈن كېلىشىم لايىھىسىنى مۇزاكىرە قىلىشنى قارار قىلغان.
ئىچكى كابىنېت خىتايدىن باشقا يەنە تۈركىيە بىلەن ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى لايىھىسىنى مۇزاكىرە قىلىشنى قارار قىلدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان كابىنېتى چىقارغان قارارلارنىڭ ئىچىدە فرانسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق كېڭىشى قۇرۇش توغرىسىدىكى چۈشىنىش ئەسلەتمىسى لايىھىسى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىش پىلانى بار.
ئۆزبېكىستان تەرەپ بىلەن ئاتوم ئېنېرگىيىسىنى تىنچ ئىشلىتىش مەسىلىسىدىكى ھەمكارلىق رامكا لايىھىسى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىش قارارى سەئۇدى ئەرەبىستان مىنىستىرلار كېڭىشى تەرىپىدىن تەستىقلاندى.
مۇدىرىيەت يەنە قىزىل دېڭىزنىڭ سىجىل دۆلەت ئىستراتېگىيىسى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.
قىزىل دېڭىزنىڭ سىجىل دۆلەت ئىستراتېگىيىسى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇرلار تەمىنلەنمىگەن بولسىمۇ ، سەئۇدى ئەرەبىستان 2020-يىلى 1-ئايدا قىزىل دېڭىزغا قوشنا بولغان ئەرەب ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن تەركىب تاپقان كېڭەش قۇرۇش توغرىسىدا توختام ئىمزالىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.