ئاسىياباشبەتتەۋسىيەخەلقئارا خەۋەرلەرياۋروپا

ئاۋىستىرىيە TikTok چەكلىمىسىگە قوشۇلدى

ئاۋىستىرىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى گېرخارد كارنېر خىتاي ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى TikTok نىڭ «بىخەتەرلىك ئەندىشىسى» سەۋەبىدىن فېدېراتسىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ يانفونىدا ئىشلىتىشىنى چەكلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

كارنېر ئاخباراتقا بەرگەن باياناتىدا ، 2-ئايدىن باشلاپ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى قارمىقىدا قۇرۇلغان مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى TikTok ئەپ دېتالىنى تەكشۈرۈشىگە ماس ھالدا چىقىرىلغان قارارنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى.

ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ TikTok نى شەخسىي ئۈسكۈنىلىرىدە ئىشلىتەلەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان كارنېر ، بۇ پروگراممىنىڭ فېدېراتىپ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خىزمەت يانفۇنلىرىدا ئىشلىتىلىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى ، ھەمدە بۇ ئەپنىڭ خىتاي دۆلىتىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ، بۇنىڭ سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرغا بولغان ھەر خىل ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button