ئىران ئىنقىلابى قوغدىغۇچىلىرى سۈننىي مەزھىپىدىكىلەر ئولتۇراقلاشقان بالۇچىستان رايونىنىڭ مەركىزى زاھىداندا تىك ئۇچار ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئەترىتى ئۈچۈن ھاۋا ئارمىيە بازىسى ئاچتى.
ئىران ئىنقىلابى قوغدىنىش ئارمىيىسى (DMO) سۈننىيلەر ئولتۇراقلاشقان ئافغانىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان زاھىدان شەھىرىدە ھاۋا ئارمىيە بازىسى ئاچتى.
DMO قوماندانى ھۈسەيىن سېلامىمۇ زاھىداندىكى ھەربىي ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
ئىنقىلابى قوغدىغۇچىلار قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى مۇھەممەد پاكپور يېڭىدىن ئېچىلغان ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ ئاساسلىق بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشقا خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ، ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا ھەر خىل ئۇرۇش ۋە ھۇجۇم تىك ئۇچارلىرى ، يۈك ئايروپىلانى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ ئىشلىتىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
مەلۇمكى ، سۈننىي بالۇچ گۇرۇپپىسى جەيش ئەلئەدىل سىستان بالۇچىستاندىكى ئىران ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەرىكەت قىلماقتا. بۇ گۇرۇپپا ئىران بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا پات-پات ھۇجۇم قىلىپ كەلمەكتە.
2003-يىلدىن باشلاپ ئىراندا «سۈننىي مەزھىپىدىكىلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايمەن» دېگەن بايانات بىلەن نۇرغۇن ھۇجۇملارنى قىلغان «جۇندۇللا» ناملىق گۇرۇپپىنىڭ رەھبىرى ئابدۇلمەلىك رىگى 2010-يىلى تۇتۇلغان ۋە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ، جۇندۇللا تەشكىلاتى 2012-يىلى نامىنى «جەيشۇل ئەدىل» غا ئۆزگەرتكەن.