ياپونىيە ھۆكۈمىتى رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئاسىيادىكى ھەربىي ھەمكارلىقىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىنى ھىندى- تىنچ ئوكياننىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ھاياشى يوشىماسا شىۋېتسىيە پايتەختى ستوكھولمدا چاقىرىلغان ھىندى- تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ رايوندىكى پائالىيەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى.
توكيونىڭ رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئاسىيادىكى ھەربىي ھەمكارلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ھاياشى، رۇسىيە – ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىنى ھىندى- تىنچ ئوكياننىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمىنىڭ خەلقئارا تەرتىپنىڭ ئاساسىنى زىلزىلىگە سالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھاياشى، بۇ ئۇرۇشقا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا: «ئەكسىچە بولغاندا، باشقا رايونلاردىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش دوئېل ئېلان قىلىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، بىزنىڭ تىنچلىقىمىز ۋە گۈللىنىشىمىزنىڭ ئاساسى بولغان نۆۋەتتىكى تەرتىپ نېگىزىدىن ئاستىن – ئۈستۈن بولۇپ كېتىشى مۇمكىن» دېدى.
ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىز ۋە جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى بىر تەرەپلىمە ھالدا ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىغا، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، تەيۋەن بوغۇزىدىكى ھەربىي پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «بۇنىڭدىن باشقا، خىتاي بىلەن رۇسىيە (رايوندا) بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنى بىرلىكتە ئۇچۇرۇش ۋە ياپونىيەگە يېقىن جايلاردا دېڭىز ئارمىيەسى مانېۋىرلىرىنى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ھەربىي ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىۋاتىدۇ» دېدى.
شىمالىي كورېيەنىڭ «مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدىكى زىچلىق ۋە ئۇسلۇب»تا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنى قىلغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن ھاياشى، بۇ سىناقلار نەتىجىسىدە رايوندا «ئىغۋاگەرچىلىكلەرنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكى»نى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.