كىيېۋ شەھەرلىك ھەربىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ يازما باياناتىدا، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ 5-ئايدا پايتەختكە 9-قېتىم ھاۋا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قىلغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، «ماي ئېينىڭ بېشىدىن بۇيان پايتەختكە ئۇدا توققۇز قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى. بۇ قېتىم ھۇجۇمنى ھازار دېڭىزى رايونىدىن <Tu-95MS> ۋە <Tu-160> تىپلىق ئىستراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانلار بىلەن ئېلىپ باردى، بەلكىم <X-101/555 > تىپلىق چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئايروپىلانى بولۇشىمۇ مۇمكىن» دېيىلدى.
باياناتتا رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇم جەريانىدا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىمۇ ئىشلەتكەنلىكى، دەسلەپكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بارلىق نىشانلارنىڭ ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيەسى تەرىپىدىن پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ھاۋادا پاچاقلاپ تاشغلانغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا پارچىلىرىنىڭ كىيېۋنىڭ دېسنىيانسكى ۋە دارنىتسكىي رايونىغا چۈشىشى نەتىجىسىدە ئوت كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا يەنە، «پاچاقلاپ تاشلانغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ تۈرى ۋە سانى توغرىسىدا ئاخىرقى سانلىق مەلۇماتلار يېقىندا ھاۋا ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىدۇ» دېيىلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىمىترو كۇلېبا خىتاينىڭ ياۋرو-ئاسىيا ئىشلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى لى خۇي بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇرۇشنى توڭلىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھېچقانداق تەكلىپىنى ئۇكرائىنانىڭ قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، مىنىستىر كۇلېبانىڭ 16-مايدىن 17-مايغىچە ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋدە زىيارەتتە بولغان لى خۇي بىلەن كۆرۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، مىنىستىر كۇلېبانىڭ لى خۇيغا ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشنى ئاساس قىلغان سىجىل ۋە ئادىل تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پرىنسىپى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بەرگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، «كۇلېبا ئۇكرائىنانىڭ زېمىنىدىن ئايرىلىشنى ياكى ئۇرۇشنى توڭلىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ھەر قانداق تەكلىپنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى» دېيىلدى