2.8K
پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئىمران خان ساقچىلارنىڭ لاھوردىكى ئۆيىنى قورشىۋالغانلىقىنى، پات يېقىندا يەنە قولغا ئېلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.
تۋىتتېردا ئۇچۇر ھەمبەھىرلىگەن خان: «بەلكىم بۇ مېنىڭ قولغا ئېلىنىشتىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرقى خېتىم بولۇشى مۇمكىن، ساقچىلار مېنىڭ ئۆيۈمنى قورشىۋالدى»دېگەن جۈملىنى ئىشلەتكەن.
خان 25 مىنۇتلۇق سىنلىق ئۇچۇرىدا، ئۆكتىچىلەرنىڭ ھازىرقى ھۆكۈمەتنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئارمىيە ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش پەيدا قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېيتتى.
«بۇنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىنكاس پەيدا قىلىپ ، دۆلىتىمىزگە زور زىيان ئېلىپ كېلىشىدىن قورقىمەن» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن ئىمران خان: «ئەگەر بىرەيلەن بۇ ئىستراتېگىيىلىك ئۇسۇل بىلەن مېنىڭ پارتىيەمنى چەكلەشكە بولىدۇ دەپ ئويلىسا، خاتالاشقان بولىدۇ» دېدى.