گ 7 دۆلەتلەر گۇرۇھى رەھبەرلىرى خىتايدىن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى تاجاۋۇزچىلىقىنى توختىتىشى ۋە ئەسكەرلىرىنى بۇ دۆلەتتىن شەرتسىز چېكىندۈرۈشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلدى.
ياپونىيەنىڭ خىروشىما شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن گ 7 دۆلەتلەر گۇرۇھى رەھبەرلىرى يىغىنىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە، رەھبەرلەر بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنا كرىزىسى ۋە (ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكى) قاتارلىق ھەر خىل مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى.
چاقىرىقتا، «بىز خىتاينى رۇسىيەنىڭ ھەربىي تاجاۋۇزچىلىقىنى توختىتىشقا ۋە ئەسكەرلىرىنى ئۇكرائىنادىن دەرھال، پۈتۈنلەي ۋە شەرتسىز چېكىندۈرۈشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىمىز» دېيىلدى.
رەھبەرلەر: «خىتاينى ئۇكرائىنا بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەتلىشىش قاتارلىق ئۇكئانانىڭ زېمىنى پۈتۈنلۈكى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ پىرىنسىپلىرى ۋە نىشانلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا، ئەتراپلىق، ئادىل ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقنى قوللاشقا ئىلھاملاندۇرىمىز» دېدى.
رەھبەرلەر كېلىمات ئۆزگىرىشى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئېھتىياجى، يەر شارىنىڭ سەھىيە جەھەتتىكى ئەندىشىسى ۋە ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىقى قاتارلىق مەسىلىلەر تەرەپكىمۇ دىققەتنى تارتىپ، يەرشارىدىكى رولى ۋە ئىقتىسادىي كۆلىمىنى نەزەردە تۇتقاندا، خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى زۆرۈر دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
خىتاينىڭ رايون خاراكتېرلىق تەسىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى، شەرقىي خىتاي ۋە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزلىرىنىڭ ۋەزىيىتىنى جىددىي ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان رەھبەرلەر، «كۈچ ئىشلىتىش ئارقىلىق مەۋجۇت ھالەتنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇشلارغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.
گ 7 دۆلەتلەر گۇرۇھى رەھبەرلىرى يەنە خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە بولغان ئەندىشىلىرىنىمۇ ئالاھىدە تەكىتلىدى.