ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى رىشى سۇناك مۇنداق دېدى: خىتاي يەر شارى بىخەتەرلىكى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ مەسلە پەيدا قىلىدۇ، ئەمما باشقا ئالدىنقى قاتاردىكى ئىقتىسادىي گەۋدىلەر خىتايدىن ئۈزۈل-كېسىل ئايرىلىشقا ئۇرۇنماسلىقى كېرەك.
سۇناك خىروشىمادا ئۆتكۈزۈلگەن 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «خىتاي يەرشارى بىخەتەرلىكى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن دەۋرىمىزدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە»
ئەنگىلىيە ۋە باشقا G7 دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي پەيدا قىلغان قىيىنچىلىقلارنى ئازايتىشتا ئورتاق ئۇسۇل قوللىنىدىغانلىقىنى بايان قىلغان سۇناك باياناتىنى تۆۋەندىكى بايانلار بىلەن داۋاملاشتۇردى.
«بۇلارنىڭ ھەممىسى ئايرىمچىلىق ئەمەس ، بەلكى خەتەرنى ئازايتىش» بىز G7 بىلەن بىرلىكتە ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي بېسىم ئىشلىتىپ باشقىلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىۋاتىمىز».
ئەنگىلىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى لىز ترۇس ئالدىنقى ھەپتە تەيۋەننى زىيارەت قىلغان ئەنگىلىيەنىڭ ئەڭ داڭلىق سىياسىئونىغا ئايلاندى.