ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ھۆكۈمىتى بەششار ئەسەد ۋە بېنيامىن نېتانياخۇنى دۆلىتىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان كېلىمات باشلىقلار يىغىنىغا تەكلىپ قىلدى.
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى 30-نويابىر دۇبەيدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ب د ت كېلىمات ئۆزگىرىش يىغىنى (COP28) غا تەييارلىق قىلماقتا.
بۇ دائىرىدە نۇرغۇن رايون دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىغا تەكلىپ قىلىندى.
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى يەنە دەمەشىق ھاكىمىيىتىنىڭ رەھبىرى بەششار ئەسەدنى باشلىقلار يىغىنىغا تەكلىپ قىلدى. بەششار ئەسەدنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.
يەنە بىر تەرەپتىن ، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياخۇمۇ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى باشلىقلار يىغىنىغا تەكلىپ قىلىندى.
باشلىقلار يىغىنىغا نېتانياخۇدىن باشقا ، ئىسرائىلىيە پرېزىدېنتى ئىسھاق ھېرزوگمۇ تەكلىپ قىلىندى. تەكلىپنامىنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇھەممەد مەھمۇد ئەلھاھا نېتانياھۇغا يەتكۈزگەن.
ئىسرائىلىيەنىڭمۇ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. نۇرغۇن ئىسرائىلىيە شىركەتلىرىنىڭ بۇ يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقى مەلۇم.