تۈركمەنىستان دائىرىلىرىنىڭ ساقال قويغان كىشىلەرنى تۈركۈملەپ تۇتۇپ ، ساقچىخانىدا ساقاللىرىنى چۈشۈرگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئەركىن ياۋروپا رادىئوسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، تۈركمەنىستاندا ساقال قويغان كىشىلەرنىڭ ئايروپىلان ۋە پويىزغا چىقىشى چەكلەنگەنلىكى ، بەزىلىرىنىڭ ساقاللىرىنى مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋەتكەنلىكى بايان قىلىنغان.
كىملىكىنى مەخپىي تۇتۇشنى خالايدىغان 30 ياشلىق بىر ئەر ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا تۈركمەنىستان دائىرىلىرىنىڭ ئۆزىنى تۈركمەنىستان خەلقئارا ئايرودرومىدا توسۇۋالغانلىقىنى ، ساقال قويغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئايروپىلانغا چىقىشىغا يول قويمىغانلىقىنى ئېيتتى.
ساقال قويغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئايروپىلانغا چىقىشىغا يول قويمىغانلىقىنى تالاش-تارتىش قىلغان بۇ ئەرنىڭ پاسپورتىنى مۇسادىرە قىلغانلىقىنى، ساقالنى چۈشۈرۋەتكەندىن كېيىن قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكى ئۇقتۇرغان.
تۈركمەنىستاننىڭ غەربىدىكى شەھەرلەردىكى ساقچىلارنىڭ كىشىلەرنى ساقاللىرىنى چۈشۈرۈشكە ئاگاھلاندۇرغانلىقى، بەزى كىشىلەرنى ساقچىخانىغا ئېلىپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ئىگىلىنىشچە ، دائىرىلەر يەنە ساقاللىق كىشىلەرنىڭ كەلگۈسىدە ساقال قويمايدىغانلىقى توغرىسىدا يازما ئىمزا قويۇشىنى تەلەپ قىلغان.