ئامېرىكا ، ئاۋىستىرالىيە ، كانادا ، يېڭى زېلاندىيە ۋە ئەنگىلىيە ئەمەلدارلىرى، دۆلەت قوللىغان خىتاي خاككېرلار گۇرۇپپىسى «Volt Typhoon’» نىڭ ئامېرىكىنىڭ ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھە تورىغا سىڭىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
«بىرلەشمە تور بىخەتەرلىكى مەسلىھەتچىلىكى» ئەمەلدارلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: دۇنيا مىقياسىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەتلەر كۆپلەپ يۈز بېرىشى مۇمكىن.
مىكروسوفت مۇنداق دېدى: Volt Typhoon’ 2021-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ھەرىكەتلىنىپ ، ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى ئىستراتېگىيىلىك ھەربىي بازىسى گۇئامدىكى مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلدى.
مىكروسوفت ئاگاھلاندۇردى
ئىگىلىنىشچە ، 2021-يىلدىن باشلاپ ئاكتىپ بولغان Volt Typhoonنىڭ ئەزالىرى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ئاساسەن دېگۈدەك ئاساسىي ئۇلىنىش يوللىرىنىڭ سىرتىدا مەۋجۇتلۇق تېخنىكىسىنى قوللانغان.
بۇ ئىسىمنى بەرگەن ۋە بۇ گۇرۇپپىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقىغان مىكروسوفت.
بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى «جاسۇسلۇق» دەپ قارىلىدۇ. ئۇلار يەرلىك ۋە تور سىستېمىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەخسىي ئۇچۇرلارنى توپلاش ۋە ئارخىپ تۇرغۇزۇش ۋە ئوغرىلانغان كىملىك ئۇچۇرىنى ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ دەپ قارىلىدۇ.
بۇ خىلدىكى ھۇجۇملارنى بايقاش ۋە ئازايتىش تەسكە توختايدۇ. ھۇجۇمغا ئۇچۇرىغان ھېساباتلارنى تاقاش ياكى ئالماشتۇرۇش كېرەك.