3.1K
فىنلاندىيەنىڭ زامانىۋى دەۋردىكى ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇق مانېۋىرى 27-ماي باشلانغان شىمالىي ئورمان مانېۋىرى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.
خەۋەر قىلىنىشىچە ، ئەڭ يېڭى ئەزا فىنلاندىيەنى قوغداشقا ۋەدە بەرگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دۆلەتلىرى شىمالىي قۇتۇپتا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكتە.
فىنلاندىيە تۇنجى قېتىم ساھىبخانلىق قىلغان بىرلەشمە مەشىقكە ، ئامېرىكا ، ئەنگىلىيە ، نورۋېگىيە ۋە ناتوغا تەۋە بولمىغان قوشنىسى شىۋىتسىيەدىن كەلگەن 1000 ئەسكەر ۋە 6500 نەپەر فىنلاندىيە ئەسكىرى قاتناشتى.
ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى مايور گېنېرال مايور گرېگورىي ئاندېرسون بۇ مانېۋىرغا قارىتا «ئامېركا ئارمىيىسى بۇ يەردىكى ئەڭ يېڭى ئىتتىپاقدىشىمىز بىلەن ئەسكىرى ئىقتىدارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە فىنلاندىيەنى قوغداشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن مەشىق قىلىۋاتىدۇ» دېدى.