سۈنئىي ئەقىل كونتروللۇقىدىكى ئامېرىكا ھەربىي ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى تەقلىد قىلىش سىنىقىدا باشقۇرغۇچىسىنى «ئۆلتۈردى». سىناق تەقلىد بولغانلىقى ئۈچۈن ، رېئال تۇرمۇشتا ھېچكىم جىسمانى جەھەتتىن زىيانغا ئۇچرىمىدى.
ئامېرىكا ئارمىيىسى تەشكىللىگەن مەۋھۇم سىناقتا ، سۈنئىي ئىدراك كونترول قىلىنىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش جەريانىدا سىرتنىڭ ئارىلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، باشقۇرغۇچىسىنى «ئۆلتۈرۈش» نى قارار قىلدى.
سىناق تەقلىد بولغانلىقى ئۈچۈن ، ھېچكىم رېئال تۇرمۇشتا جىسمانى جەھەتتىن زىيانغا ئۇچرىمىدى ۋە ئۆلتۈرۈلمىدى.
ئەمما بۇ سىناق بەلكىم ئەمەلىي ئىشلىتىش ئېھتىماللىقى بولغان ئەھۋالدا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.
ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىدىكى سۈنئىي ئىدراكنى سىناق قىلىش ۋە مەشغۇلاتنىڭ مەسئۇلى پولكوۋنىك تاكېر خامىلتون لوندوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان كەلگۈسى ئۇرۇش ، ھاۋا ۋە ئالەم بوشلۇقى باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە ، سۈنئىي ئىدراكنىڭ «نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئويلىمىغان ئىستراتېگىيەلەر» قوللىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
پولكوۋنىك خامىلتون سۈنئىي ئىدراك ياردەم قىلغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانغا «دۈشمەننىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى يوقىتىش» توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ، ئەمما ئاخىرىدا بۇ بۇيرۇققا ئارىلاشقان ھەر قانداق كىشىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.