دونالد ترامپ كەڭ كۆلەملىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا سوتقا يېتىپ باردى، ئۇنىڭغا «دۆلەتكە تەۋە مەخپىي ھۆججەتلىرىنى يوشۇرۇش ۋە بۇ مەسىلە توغرىسىدىكى تەكشۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلىش» قاتارلىق 37 ئايرىم ئەيىبلەش ئوقۇپ ئۆتۈلدى.
تىرامپ ئەيىبلەشلەرنى ئۈن-تىنسىز ئاڭلىدى، ئۇنىڭ ئادۋوكاتى تود ۋ. بلانچې بارلىق ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
سوتنى تەقىپ قىلىش ئۈچۈن ئاز ساندىكى ژۇرنالىستلارنىڭ زالغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىندى. سىنئالغۇ، كامېرا، تېلېفون ۋە كومپيۇتېر قاتارلىق ئاۋاز خاتىرىلەش ئۈسكۈنىلىرىگە رۇخسەت قىلىنمىدى.
تەخمىنەن 50 مىنۇت داۋاملاشقان سوتتىن كېيىن، دونالد ترامپ سىرتتا ساقلاپ تۇرغان قوللىغۇچىلىرىنىڭ خۇشاللىق سادالىرى ئارىسىدا ماشىنا ئەترىتى بىلەن سوت مەھكىمىسىدىن ئايرىلدى.
تىرامپ ئاپرېلدا ئىشتاتلىق جىنايى ئەيىبلەشلەر ئۈچۈن تۇنجى قېتىم نيۇيوركتا سوت قىلىنغان بولۇپ، ئۇ تۈنۈگۈنمۇ فېدېراتىپ ئەيىبلەشلەر بىلەن «ئىككىنچى قېتىم دوت قىلىنغان سابىق پىرېزىدېنت» سۈپىتىدە تارىختىن ئورۇن ئالدى.