خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭنىڭ تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئېلان قىلغان باياناتىغا قارىغاندا، شى جىنپىڭ كۆرۈشۈش جەريانىدا بىل گېيتىسنى بۇ يىل (2023) بېيجىڭدا كۆرۈشكەن «تۇنجى ئامېرىكالىق دوست» دەپ ئاتىغان.
شى جىنپىڭ خىتاي – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىنىڭ خەلقلەر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «بىز ئامېرىكا خەلقىگە ئىشىنىمىز، بىز ئىككى دۆلەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنىڭ مەڭگۈلۈك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.
گېيتىس تۈنۈگۈن دۇنياۋى سەھىيە ۋە تەرەققىيات ساھەسى بويىچە خىزمەت قىلىدىغان بىل ۋە مېلىندا گېيتىس فوندىغا ۋاكالىتەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن خىتايغا بارغانىدى.
بېيجىڭدىكى يەر شارى ساغلاملىق دورا بايقاش ئىنستىتۇتىدا سۆز قىلغان گېيتىس، ئاچارچىلىق، كىلىمات ئۆزگىرىشى، كوۋىد – 19 غا ئوخشاش يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈشىدەك دۇنياۋى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ھەمكارلىقنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنىدى.
گېيتىسنىڭ زىيارىتى ۋە ئۇنىڭ شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭ مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇشى پىلان قىلىنغان بېيجىڭ زىيارىتىدىن ئىلگىرىكى ۋاقىتقا توغرا كېلىشى دىققەتنى تارتتى.
بلىنكېننىڭ شى جىنپىڭ ۋە باشقا ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشۈپ، يېقىنقى مەزگىللەردە يىرىكلىشىپ قالغان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.
گايتىس ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشتىن كېيىنكى باياناتىدا ، ئۆزىنىڭ فوندىنىڭ خىياڭنىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە 50 مىليون دوللار ياردەم قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.