ئاسىياباشبەتخەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيەدە «جۇڭگولۇقلارنى يەرلىك سايلامدا بېلەت تاشلاش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش» تەكلىپى پارلامىتقا سۇنۇلدى

كورىيىدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان خەلق ھوقۇق پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى كىم گىخيون بۇ دۆلەتتە ياشايدىغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ يەرلىك سايلامدا بېلەت تاشلاش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىشىنى تەۋسىيە قىلدى.
يونخاپ خەۋىرىگە قارىغاندا ، كىم پارلامېنتتىكى سۆزىدە 2022-يىلى 6-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن يەرلىك سايلامدا كورىيىدە ياشايدىغان تەخمىنەن 100 مىڭ خىتاي پۇقراسىنىڭ بېلەت تاشلىغانلىقىنى بايان قىلغان.

خىتاينىڭ سېئۇل بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناچارلاشقان بىر پەيتتە ، خىتاينىڭ بۇ دۆلەتتە ياشايدىغان كورېيە پۇقرالىرىدىن بېلەت تاشلاش ھوقۇقىنى تارتىۋالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ، كىم ئۆز-ئارا پرىنسىپ دائىرىسىدە خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتا ئوخشاش سىياسەتنى قوللىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

2005-يىلدىن باشلاپ كورىيىدە 3 يىلدىن كۆپرەك تۇرغان چەتئەل پۇقرالىرى يەرلىك سايلامدا بېلەت تاشلىسا بولىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button