پرىگوجىن ئۆزىنىڭ تېلېگرامما سۇپىسىدىكى قانىلىدا بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ۋاگنېرنىڭ گازارمىلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، نۇرغۇن ۋاگنېر ئەسكىرىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ ۋاگنېرنىڭ بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بۈگۈن بىزنىڭ ئادەملىرىمىزنى ئۆلتۈرگەن ۋە ئونمىڭلىغان رۇسىيە ئەسكىرىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار جازالىنىدۇ. ئالدىمىزغا چىققان ھەر قانداق ئادەمنى تەھدىت دەپ قاراپ، دەرھال يوقىتىمىز. بىزنىڭ يولىمىزنى توراشقا ئۇرۇنماڭلار. بىز باشلىغان ئىشىمىزنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئالدىنقى سەپكە قايتىپ، ۋەتىنىمىزنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ۋاگنېر گازارمىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كۆرۈنۈشلەرنىڭ «ساختا» ۋە «ئىغۋاگەرچىلىك»تىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى؛ باياناتتا: «پىرىگوجىن ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ قىلغىنى قوراللىق توپىلاڭدۇر» دېيىلدى.
رۇسىيە دۆلەتلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىمۇ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، پرىگوجىننىڭ سۆزلىرىنىڭ توغرا ئەمەسلىكى ئەسكەرتتى ۋە «فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى قوراللىق توپىلاڭ چاقىرىقى ئېلان قىلغانلار ئۈستىدىن جىنايى ئىشلار ئەرزنامىسى سۇندى. بىز بۇ قانۇنسىز ھەرىكەتلەرگە دەرھال خاتىمە بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
كىرىزىس سەۋەبىدىن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىغا يېقىن رايونلىرىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلدى، يېۋگېنىي پرىگوجىن باشچىلىقىدىكى ۋاگنېر گۇرۇپپىسى روستوف-نا دونۇدىكى رۇسىيە جەنۇب ھەربىي رايون قوماندانلىق مەركىزىنى قورشىۋالدى.
پرىگوجىن ئۆزلىرىنىڭ روستوۋدىكى ھەربىي ئايرودۇرۇمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىي ئورۇنلارنىڭ كونتروللۇقىنى قوللىرىغا ئالغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى ۋاگنېر ئەزالىرىنى خاتالىق ئۆتكۈزمەسلىككە، پرىگوجىننىڭ جىنايەت خاراكتېرىدىكى بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنماي، ئۇنى دەرھال نازارەت ئاستىغا ئېلىشقا چاقىردى.