ئافرىقاباشبەتخەلقئارا خەۋەرلەر

سۇداننىڭ پايتەختى خارتۇمدا ئېغىر ۋە يېنىك قوراللار بىلەن كەسكىن توقۇنۇش داۋاملاشماقتا

شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خارتۇمدىكى ئۇمدۇرمان ۋە بەھرى رايونلىرى ئېغىر ۋە يېنىك قوراللار ئىشلىتىلگەن كەسكىن توقۇنۇشلارغا سەھنە بولغان.

ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىمۇ ئىشلىتىلگەن توقۇنۇشتا، پايتەختتە زەمبىرەك ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ، ئىس-تۈتەكلەر ھاۋاغا ئۆرلىگەن.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ھەربىي مەنبەنىڭ ئېيتىشىچە، تېز قوللاش قىسىملىرى  (HDK) خارتۇمنىڭ جەنۇبىدا توپىلاڭلارنى باشتۇرغۇچى ساقچى قىسىملىرىغا تەۋە  مەركەزگە ھۇجۇم قىلغان.

ھەربىي مەنبەنىڭ بىلدۈرىشىچە، ساقچى قىسىم ئەزالىرى ھۇجۇمنى چېكىندۈرگەن ۋە  تېز قوللاش قىسىملىرى  (HDK) ئېغىر يوقۇتۇشقا ئۇچرىغان.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button