ئافغانىستان ئىسلام ئىمارىتىنىڭ رەھبىرى ھەيبەتۇللاھ ئاخۇنزادە قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.
ھەيبەتۇللاھ ئاخۇنزادە ئافغانىستاننىڭ ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
ئاخۇنزادەنىڭ ئۇچۇرىنى ئىسلام ئىمارەت ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىلىرىدىن بىرى بولغان زەبىھۇللاھ مۇجاھىد ئورتاقلاشتى.
ھىبېتۇللاھ ئاخۇنزادە سۆزىدە: «بىز باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمىغىنىمىزدەك ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز» دېدى.
ئافغانىستاندا ئۇزۇن يىل داۋاملاشقان ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ دۆلەتتە ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلغان ئاخۇنزادە مۇنداق دېدى: «بىز نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى بېرىشىمىز ئىسلام شەرىئىتىنى ئورنىتىش ئۈچۈن، ھازىر بۇ نىشان ئەمەلگە ئاشتى. “
داۋاملىشىۋاتقان ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇساپىسىنىڭ ئافغانىستان ئىقتىسادىنىڭ يىمىرلىۋاتقانلىنى ئېيتقۇچىلارغان ئاخۇنزادە ، بۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئۆز-ئۆزىگە تايىنىدىغان ھالەتكە كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىسلام ئەمىرلىكىنىڭ رەھبىرى ئاخۇنزادە ئافغانىستاندا زەھەرلىك چېكىملىك ئىشلەپچىقىرىش ، سودا ۋە توشۇشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، ياشلارنى بۇ ماددىلارنىڭ پاسسىپ تەسىرىدىن قوغدىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئاخۇنزادە ئافغانىستان ئاياللىرىنىڭ ئىسلام شەرىئىتىگە ماس ھالدا باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈن زۆرۈر تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
ھەيبەتۇللاھ ئاخۇنزادە ئاياللارنىڭ مەجبۇرىي نىكاھلىنىشى قاتارلىق ئەنئەنىۋى زۇلۇملاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئىسلام شەرىئىتى دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن ، ئاخۇنزادە ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىك ئاياللار ، بالىلار ۋە شۇنىڭغا ئۇخشىغان باشقا قوغدىنىشسىز مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ، باشقا دۆلەتلەر بۇ قىرغىنچىلىق ئالدىدا سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.