مىنىستىر دارمانىن فىرانسىيەنىڭ TF1 قانىلىغا بايانات بېرىپ، ساقچىلارنىڭ ئوقىدا ئۆلگەن ياش سەۋەبىدىن دۆلەت مىقياسىدا باش كۆتۈرگەن ۋەقەلەردە تۈنۈگۈن كېچە 45 مىڭ ساقچى ۋە ژاندارمىنىڭ ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكىنى، ئەتىگەندە بىرونېۋىك ۋە تىك ئۇچارلارنىڭمۇ تارقاقلاشتۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى دارمانىن ۋەقەلەر جەريانىدا 1000 كىشىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشىنىڭ 17 ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
گېرالد دارمانىن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىن پايدىلانغۇچىلار ئۈستىدىن دېلو تۇرغۇزۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، نامايىشلار دەسلەپ باش كۆتۈرگەن نانتېررېس، مارسېلىيا (مارسېل) ۋە ۋوئىپپىي قاتارلىق نۇرغۇن رايون ۋە شەھەرلەرگە برونېۋىك ماشىنىلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
تۈنۈگۈن كەچتە تۇلۇس شەھىرىدە باشلانغان نامايىشلار جەريانىدا، ساقچىلار زوراۋانلىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ 19 ئادەمنى نازارەت ئاستىغا ئالدى. ئۇنىڭدىن باشقا، نامايىشچىلار شەھەردىكى كۆپ قەۋەتلىك بىر بىناغا كىشىلەر ئۇخلاۋاتقان ئەسنادا ئوت قويۇپ بەردى.
مېتز شەھىرىدىمۇ نامايىشچىلار ئوت قويۇپ بەرگەن كۆپ ۋاسىتىلىك مېدىيا كۇتۇپخانىسى پۈتۈنلەي كۆيۈپ كۈلگە ئايلاندى. ئالېس شەھىرىدىكى شىددەتلىك ئېتىلداق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بىر ساقچىخانىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى.
نامايىشچىلارنىڭ مونتپېللېر شەھىرىدىكى بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە زىيان يەتكۈزگەنلىكى، پىتىۋىيېر شەھىرىدە بىر تېرىلغۇ مەيدانىغا ئوت قويۇۋەتكەنلىكى ۋە ئوتنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەتراپقا كېڭىيىپ كەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.
نامايىشچىلارنىڭ پايتەخت پارىژنىڭ 13- رايونىدا يولغا توسۇق قۇرۇپ، ئارقىدىن ئوت قويۇپ بەرگەنلىكى، لىئون شەھىرىدە بىر موتوسىكلىت سېتىش ئورنىنىڭ بۇلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
زوراۋانلىقنىڭ يېڭى مەركىزىگە ئايلانغان مارسېلىيادا بولسا، شەھەر باشلىقى بېنويت پايان شەھەردىكى تىزگىنلىگىلى بولمىغان بۇلاڭچىلىق ۋەقەلىرى سەۋەبىدىن ھۆكۈمەتتىن تېزدىن قوشۇمچە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، فىرانسىيەدىكى ۋەقەلەر يامرىغان بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا 50، لىئېگې شەھىرىدە 30 كىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
فىرانسىيە ساقچىلىرى 6- ئاينىڭ 27- كۈنى نانتېررې شەھىرىدە ئۈچ كىشى ئولتۇرغان بىر ئاپتوموبىل «توختا» دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشقا بويسۇنمىغاندىن كېيىن ئوق چىقىرىپ، ئاپتوموبىلنىڭ 17 ياشلىق شوپۇرىنى ئۆلتۈرگەنىدى.
ۋەقە تەكشۈرۈلۈۋاتقان ئەسنادا، شوپۇر نائېلنىڭ ئۆلۈمىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن نۇرغۇن كىشى فىرانسىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە كوچىلارغا چىقىپ، ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقانىدى.