روسىيەدە سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغان ۋاگنېر ياللانما ئەسكەر شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى يېۋگېنىي پرىگوجىننىڭ نەردە ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس.
بېلورۇسىيە پرېزىدېنتى ئالېكساندېر لۇكاشېنكو باياناتىدا، پرىگوجىننىڭ سانت پېتىربۇرگدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
6-ئاينىڭ 23-كۈنى موسكۋاغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ئىسيان بىر كۈن ئىچىدە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تۈزۈلگەن كېلىشىم دائىرىسىدە ۋاگنېر رەھبىرى پرىگوجىننىڭ بېلورۇسىيەگە بارىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.
ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي پرىگوجىننىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغان بولۇپ، بۇ مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن ، لۇكاشېنكو باياناتىدا ۋاگنېر رەھبىرىنىڭ بېلورۇسىيەدە ئەمەسلىكىنى بايان قىلدى.
ۋاگنېر قىسىملىرىنىڭ روسىيەگە قارشى قوزغىلاڭلىرى 24 سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ، كېلىشىم ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن ، قىسىملار ھەربىي بازىسىغا چېكىنگەن.