خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن نەنجىڭدىكى تەيۋەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونغا مەسئۇل خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ شەرقىي فرونت قوماندانلىق مەركىزىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، ئارمىيە كۈچلەندۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.
ئۇ دۇنيانىڭ يېڭى «ئۆزگىرىش ۋە داۋالغۇش» دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، دۆلىتىنىڭ بىخەتەرلىك ساھەسىدە مۇقىمسىزلىق ۋە ئېنىقسىزلىققا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ يوشۇرۇن خەتەرلەرگە قارىتا ھوشيار بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن شى جىنپىڭ، ئۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى پىلانلاش ۋە بىرلەشمە قوماندانلىق سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.
«جەڭدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش» ئۈچۈن ئارمىيەنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ئوتتۇرىغا قويغان خىتاي دۆلەت رەئىسى، شەرقىي فرونت قوماندانلىق مەركىزىنىڭ دۆلەتنىڭ «رايونلۇق ئىگىلىك ھوقۇق» ساھەلىرى بىلەن دېڭىزلاردىكى ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدىكى خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى.