ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جانېت يېللېن ھىندىستان زىيارىتى جەريانىدا، خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئورتاق ئەندىشىلەر مەسىلىسىدە ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جانېت يېللېن ئامېرىكانىڭ ھىندىستانغا «ۋاز كېچىشكە بولمايدىغان شېرىك» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«Indianexpress» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېلېن ئالدىنقى ھەپتە خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن ھىندىستان زىيارىتىنى باشلاپ، گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى مالىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ھىندىستاننىڭ گۇجارات ئۆلكىسىگە يېتىپ كەلگەن.
يېللېن يىغىندىن ئىلگىرى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكانىڭ ھىندىستانغا «ۋاز كېچىشكە بولمايدىغان شېرىك» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
يېللېن خۇسۇسىي ئىگىلىك ساھەسىنىڭ «دوست دۆلەتلەردىن تەمىنلەش» سىياسىتىدە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى بايان قىلىپ، ھىندىستاننى «ئامېرىكىغا ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە ئېكسپورت قىلىدىغان جاي دەپ قارايدىغان» شىركەتلەرنىڭ سېلىنمىلىرىنىڭ ئاشقانلىقىنى تەكىتلىدى.
يېللېن، «ئامېرىكا ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ئېكسپورت بازىرىدۇر، بۇلتۇر ئىككى تەرەپلىك سودا تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتتى ۋە بۇنىڭ تېخىمۇ ئاشقانلىقىنى كۆرۈشنى خالايمىز» دېدى.
مالىيە مىنىستىرى يېللېن يەنە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن يۈزگۈزۈلگەن خەلقئارا ئېمبارگولارغا خىلاپلىق قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۈرەشنىڭ بۇ يىل ئاساسلىق نىشانلارنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقىنى تەكىتلىدى.
يېللېن ئالدىنقى ھەپتە ئېلىپ بارغان خىتاي زىيارىتىگە «تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە ئۈنۈملۈك ئالاقە يوللىرى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە تېخىمۇ مۇستەھكەم ئاساستا مۇناسىۋەت ئورنىتىش» نىڭ بىر قەدىمى دەپ قارىغانلىقىنى ئەشكەرتىپ، خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئورتاق ئەندىشىلەر مەسىلىسىدە ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
يېلېننىڭ ھىندىستاندىن كېيىن ۋيېتنامنى زىيارەت قىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.