خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن تونگانى زىيارەت قىلغاندا خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇشىغا جاۋاب قايتۇردى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا جاۋاب قايتۇرۇپ: «تىنچ ئوكيان ئاراللىرى ھېچقانداق دۆلەتنىڭ ئارقا باغچىسى ئەمەس» دېدى.
ئۇ كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئانتونى بلىنكېن تونگانى زىيارەت قىلغاندا ئېيتقان «رايوندا خىتاينىڭ پائالىيەتلىرى كۆپەيگەنسېرى، مەسىلە پەيدا قىلىدىغان قىلمىشلىرىمۇ كۆپەيدى» دېگەن سۆزلىرىگە قارىتا: «تىنچ ئوكيان ئاراللىرى ھېچقانداق دۆلەتنىڭ ئارقا باغچىسى ئەمەس. ئامېرىكانىڭ تىنچ ئوكيان ئاراللىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن سەمىمىي ياردەملەرنى قىلىشىنى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ مۇقىم تەرەققىيات نىشانىغا يېتىشىگە ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن تونگا رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، «خىتاي ياخشى ھۆكۈمەتلەرنىڭ باشقۇرۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە چىرىكلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش ئارقىلىق بۇلاڭچىلىق خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر ھەمدە مەبلەغ سېلىشلارنىڭ ئارقىسىدا تۇرماقتا» دېگەن ئىدى.
ماۋنىڭ بلىنكېننىڭ يۇقىرىدىكى سۆزلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇپ: «خىتاينىڭ ھەر قانداق بىر دۆلەت بىلەن نوپۇز، تەسىر كۆرسىتىش ياكى ئاتالمىش جۇغراپىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك مەۋجۇتلۇق ۋەياكى تەسىر دائىرە تالىشىش ئۈچۈن رىقابەتلىشىش نىيىتى يوق» دېدى.