519
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن يېقىنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان كېلىشىمنىڭ يېقىندا ئىمزالىنىدىغانلىقىنى سىگنال بەردى.
بايدېن بۇ باياناتنى ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جەيك سۇللىۋان بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆھبىتىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويدى.
سۇللىۋان سەئۇدى ئەرەبىستان ئەمەلدارلىرى بىلەن ۋاشىنگتون-رىياد ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى يارىشىش ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى نورماللاشتۇرۇش مۇساپىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدىن سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن مۇمكىن بولىدىغان كېلىشىمنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىمىدى.