ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ كۆزدە تۇتىدىغىنى ھاۋا بوشلىقىدا جەڭ قىلىشنى ئاساسلىق ۋەزىپىسى قىلغان ئارمىيە تۈرىنى كۆرسىتىدۇ. ئۆز ئالدىغا رەھبەرلىك ئورگىنى بولىدۇ، جەڭ قىلغۇچى قىسىم، لاۋازىمەت جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈش قىسىمى، مەكتەپلىرى ۋە تەتقىقات ئورگانلىرى قاتارلىق تەركىبى قىسىملاردىن تەشكىل تاپىدۇ. ئاساسلىق ئەسلىھەلىرىدىن قىرغۇچى ئايروپىلان، بومباردىمانچى ئايروپىلان، زەربىدار ئايروپىلان، قىرغۇچى بومباردىمانچى ئايروپىلان، رازۋىتكا ئايروپىلانى، توشۇغۇچى ئايروپىلان، تىكئۇچار ئايروپىلان ۋە باشقا ئالاھىدە ئايروپىلانلاردىن تەركىپ تاپىدۇ. بۇ ئارمىيە تۈرىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا يۇقىرى بولغان ھەركەتچالىق، تېز ئىنكاس قايتۇرۇش، يىراق مۇساپىلىك جەڭ قىلىش ۋە شىددەتلىك زەربە بېرىش قاتارلىقلار.
بۇ ئارمىيە تۈرى ئۆزى مۇستەقىل ھالدا ھەركەت ئېلىپ بارالايدۇ، ھەمدە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ۋە دېڭىز ئارمىيەسى قاتارلىقلار بىلەن ھەم ھەمكارلىشىپ ھەركەت ئېلىپ بارالايدۇ.
مەنبە: يۇرتۇغ ئەسكىرى بىلىملىرى