ھازىرقى زامان ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئاساسلىق سەپلىگەن قورالى يۇقىرى ئىقتىدارلىق كۆرەشچى ئايروپىلان، بومباردىمانچى ئايروپىلان قاتارلىق ئايروپىلانلار بولۇپ، بۇ ئايروپىلانلارنىڭ سۈرئىتى ئاۋاز تېزلىكىنىڭ 2 ھەسسىسىگە، ئەڭ يۇقىرى ئۆرلەش ئېگىزلىكى 20 مىڭ مېتىرغا يېتىدۇ. بۇنداق يۇقىرى ئىقتدارلىق ئايروپىلانلارنى ھەيدەيدىغان ئۇچقۇچىلارنىڭ قوغدىنىش سەپلىمىلىرىگە بولغان تەلىپىمۇ ماس قەدەم يۇقىرى بولىشى كېرەك. ئۇچقۇچىنىڭ يۇقىرى ماھارەتلىك ئۇچۇشنى تاماملىشىنى قولايلاشتۇرۇش، ۋەقە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولسا ئۇچقۇچىنى قوغداش لازىم.
ئۇچقۇچىنى قوغداش سەپلىمىلىرىدىن قالپىقى، كىيىمى ۋە ئوكىسىگىن تەمىنلەش سىستېمىسى قاتارلىقلار بار.
🛩ئۇچقۇچىنىڭ JHMCS تىپلىق قالپىقى
ئورۇسلار دەسلەپتە مىگ-29 ۋە سۇ-27 كۆرەشچى ئايروپىلان ئۇچقۇچىلىرىغا قالپاق ئارقىلىق قارىغا ئېلىش سىستېمىسىنى سەپلىگەن بولۇپ، AA-11 تىپلىق ھاۋادىن ھاۋاغا باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ. بوشلۇقتىكى مۇبارىزدا بۇ خىل قالپاقنىڭ رولى ئىنتايىن كۆرىنەرلىك بولۇپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ نۇرغۇن مۇرەككەپ مەشغۇلاتلىرىنى ئاسانلاشتۇرغان.
بۇنىڭدىن ئىلھاملىنىپ ئامېركىلىقلار JHMCS تىپلىق قارىغا ئېلىش قالپىقىنى ياساپ چىققان. بۇ خىل قالپاق ماگېنىتلىق سېنزور ئارقىلىق ئۇچقۇچىنىڭ بېشىنىڭ ھەركىتىنى سېزىدۇ. ئۇچقۇچى پەقەت بېشىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، رولدىكى كۇنۇپكىنى باسسىلا، رادار، لازېرلىق ئىزقوغلاش سەپلىمىسى قاتارلىق سىستېمىلاردىن پايدىلىنىپ ھاۋادىن ھاۋاغا ۋە ھاۋادىن يەرگە قويۇپ بېرىدىغان بومبىلارنى باشقۇرلايدۇ.
بۇ قالپاق بولسىلا ئۇچقۇچى ئۆزىنىڭ ئۇچۇش سۈرئىتى، ئۇچۇش ئېگىزلىكى، ماي مىقدارى، ئۇچۇش يۆنىلىشى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى بىلىشتە بۇرۇنقىدەك ئالدىدىكى نۇرغۇنلىغا ئىكرانلارغا بىرمۇ-بىر قاراپ چىقىشىنىڭ ھاجىتى يوق.
ئۇچقۇچىنىڭ كىيىمى
بوشلۇقتا ماي قاچىلاش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇچقۇچىلارنىڭ بوشلۇقتا خىزمەت ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزارتىلدى. بۇ سەۋەپتىن ئۇچقۇچىلار CSU-13/P نۇسخىدىكى ئالاھىدە ئىشتىنىنى كېيىدۇ. بۇ خىل ئىشتان بەدەندىكى قاننىڭ پۇت تەرەپكە ئېقىپ، ئۇچقۇچىنىڭ باش قىسىمىغا قان يېتىشمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يەل قاچىلىنىپ پۇتىنى سىقىدۇ.
ئامېرىكىلىق ئۇچقۇچىلارنىڭ چاپىنى SRU-21/P تىپلىق چاپان بولۇپ، ئۇچقۇچى ۋەقەگە ئۇچراپ پاراشۇتتىن چۈشكەندە، ئىشلىتىدىغان ئالاھىدە نەرسىلەر سەپلەنگەن.
ئۇچقۇچىنىڭ پەلىيى GUU-1/P تىپلىق پەلەي بولۇپ، M1911 تاپانچىنى نورمال ئېتىش ئۈچۈن لايىھىلەنگەن.
قالپىقىنىڭ تۈرلىرى بەك كۆپ بولۇپ، ئالاھىدە ماتېرىياللاردىن ياسالغان. ئاسان سۇنمايدۇ، ھارارەتكە چىداملىق. ئالدى ئەينىكى ئولترا بىنەپشە نۇرغا ۋە ئۇرۇلۇشقا چىداملىق. ئوكسىگىن تەمىنلەش ماسكىسى بار. ئەگەر ئۇچقۇچى بېشى قېيىپ قۇسۇۋېتىپ قالسا، چىقىرىندىلارنى ئايرىم چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئوكسىگىن تەمىنلەشنى ئۈزۈپ قويمايدۇ.
ئسىرائىلىيەلىك يەھۇدىيلار ئۇچقۇچىلار ئۈچۈن مەخسۇس زەھەردىن ساقلىنىش كىيىمى لايىھىلىگەن بولۇپ، ھەرخىل خىمىيىلىك ۋە رادىياتسىيىلىك تەسىرلەردىن ساقلىنالايدىكەن. بۇخىل كىيىم ئىنتايىن يەڭگىل ۋە كىيىپ-سېلىش ئىنتايىن قولايلىق. ئامېرىكا ۋە بەزى ناتو دۆلەتلىرى بۇ خىل كىيىمى سېتىۋالغان.
ئۇندىن باشقا ئامېرىكىلىقلارنىڭ تەكشۈرۈش قەغىزى بار بولۇپ، بۇ قەغەز بىلەن ئەتراپنىڭ زەھەرلىك ياكى زەھەرلىك ئەمەسلىكىنى تېز سۈرئەتتە بىلگىلى بولىدىكەن.
مەنبە: يۇرتۇغ ئەسكىرى بىلىملىرى