دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ كۆزدە تۇتىدىغىنى دېڭىزدا جەڭ قىلغۇچى قوشۇننى كۆرسىتىدۇ، ئادەتتە ئايرىم قوماندانلىق ئورگىنى بولىدۇ، ئايرىم قىسىملىرى، مەكتەپلىرى، تەتقىقات ئورگانلىرى بولىدۇ، كېمە ئەتىرتى، ئاۋىئاتسىيە قىسىمى، دېڭىز ئارمىيە بازىلىرى بولىدۇ. ئاساسلىق تەركىبى قىسىملىرى ئاۋىئاماتكا ، كۈرەشچى كېمىلەر، سۇ ئاستى كېمىسى قاتارلىق جەڭ قىلغۇچى كېمىلەر ۋە ھەرخىل لاۋازىمات كېمىلىرىدىن تەشكىل تاپقان بولىدۇ. سۇ يۈزىدە، سۇ ئاستىدا ، ھاۋادا ۋە قىرغاققا نىسبەتەن جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆزىدە ھازىرلىغان بولىدۇ. 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن كېيىن، يادرو ئېنىرگىيىسىنى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلغان كېمىلەر، باشقۇرىلىدىغان سىنارەد ۋە يادرو قوراللىرى ھەمدە قوماندانلىق، باشقۇرۇش ۋە قوراللارنى كونتىرول قىلىش سېستىمېلىرىنىڭ ئاپتۇماتلىشىشى، ئېلىكتىرونلۇق جەڭ قىلىش سېستىمىسى قاتارلىق يېڭى تىپلىق قوراللارنىڭ دېڭىز ئارمىيەلىرىگە كۆپ مىقتاردا سەپلىنىشى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىۋەتتى.
مەنبە: يۇرتۇغ ئەسكىرى بىلىملىرى