شىمالىي كورېيە مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقى، كورېيە ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ 16- قېتىملىق سىياسىي بىيۇرو يىغىنىنىڭ 20- سېنتەبىر كىم جوڭئۇننىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئېچىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، يىغىندا كىمنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان رەسمىي زىيارىتىنىڭ نەتىجىسى توغرىسىدا دوكلات سۇنۇلغان.
دوكلاتتا، كىم جوڭئۇننىڭ ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 12- سېنتەبىردىن 17- سېنتەبىرگىچە رۇسىيەنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىنى زىيارەت قىلغانلىقى، بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ شىمالىي كورېيە- رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى «يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن شەكىلدە يېڭى ئىستراتېگىيەلىك سەۋىيەگە» يەتكۈزگەنلىكى بايان قىلىنغان.
بۇ زىيارەت يەنە دۇنيانىڭ جۇغراپىيەلىك سىياسىي ۋەزىيىتىدە «ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش» پەيدا قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن دوكلاتتا يەنە، زىيارەتنىڭ كىم جوڭئۇننىڭ شىمالىي كورېيە – رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.
كىم جوڭئۇن سىياسىي بىيۇرو يىغىنىدىكى سۆزىدە، رۇسىيە بىلەن «ياخشى قوشنىدارچىلىق ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ھەر ساھەلەر بويىچە تېخىمۇ جانلاندۇرۇپ، زىيارەت جەريانىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى مۇستەھكەملەش» ئۈچۈن قەدەم بېسىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.