ئاسىيائامېرىكاباشبەتتەۋسىيەخەلقئارا خەۋەرلەرياۋروپا

ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە كورىيە «رۇسىيە بىلەن چاۋشيەننىڭ قورال-ياراغ كېلىشىمىگە قارشى» قاتتىق تەدبىر قوللىنىدۇ

ئامېرىكا ، كورېيە ۋە ياپونىيە روسىيە بىلەن چاۋشيەن ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان قورال-ياراغ كېلىشىمىگە قارشى قاتتىق تەدبىر قوللىنىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
يونخاپنىڭ سۆزىگە قارىغاندا ، كورىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى مىنىستىر پارك جىننىڭ تۈنۈگۈن نيۇ-يوركتا ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كامىكاۋا يوكو ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىللىنكېن بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

مىنىستىرلار كۆرۈشۈشتە موسكۋا بىلەن پيوڭياڭ ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان قورال-ياراغ كېلىشىمىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان پەيتتە، چاۋشيەن رەھبىرى كىم جوڭئۇن روسىيەدە ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى.

مىنىستىرلار روسىيە بىلەن چاۋشيەننىڭ ھەربىي ھەمكارلىقىغا بولغان چوڭقۇر ئەندىشىسىنى بىلدۈرۈپ ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان قورال-ياراغ كېلىشىمىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ قارارىغا خىلاپلىق قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

مىنىستىرلار موسكۋا بىلەن پيوڭياڭ ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان قورال-ياراغ كېلىشىمىگە قارشى قاتتىق تەدبىر قوللىنىشنى قارار قىلغانلىقىنى ، 3 مىنىستىرنىڭ دۇنيا جامائىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، رايون بىخەتەرلىك تەھدىتىكە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى.

كىم بىلەن پۇتىن 13-سېنتەبىر كۆرۈشتى

كىم 13-سېنتەبىر روسىيەنىڭ ئامۇر رايونىدىكى ۋوستونچنىي كوسمودرومىدا رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى.

پۇتىن كىم جوڭئۇن بىلەن بولغان سۆھبەتنى «ئۈنۈملۈك» دەپ تەسۋىرلەپ ، ئۇلارنىڭ رايون ۋەزىيىتى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى بايان قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button