شىمالىي كورېيە خەۋەر ئاگېنتلىقى شىمالىي كورېيەنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئەيىبلىگەن جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى يون سۇك يېئولنى «قاپاقباش» دەپ ئاتىدى.
شىمالىي كورېيە مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقى جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى يون سۇك يېئولنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدىكى سۆزلىرى توغرىسىدا بىر پارچە ئانالىز ماقالىسى ئېلان قىلدى.
ماقالىدە، شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيەنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان مۇناسىۋەتلىرىنى رايوننىڭ «بىخەتەرلىك ۋە تىنچلىقىغا بىۋاسىتە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش» دەپ باھا بەرگەن يون سۇك يېئولغا جاۋابەن: «قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا قويۇق مۇناسىۋىتىنىڭ بولۇشى تەبىئىي ۋە نورمال ئىش. شۇنداق ئىكەن، ئۇلارنى سۈرۈشتە قىلىپ ئولتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى يوق» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
ئاگېنتلىق جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى يون سۇك يېئول توغرىسىدا: «بۇنداق قاپاقباش بىر ئادەمنىڭ شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى دوستانە مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ چوڭقۇر ۋە ئۇلۇغ مەنىسىنى چۈشىنەلمەيدىغانلىقى ئېنىق» دېدى.
پىرېزىدېنت يون سۇك يېئول «دىپلوماتىك ئەخمەق» ۋە «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قورچىقى» دەپ تەسۋىرلەنگەن ماقالىدە يەنە: «ساتقۇن قورچاق يون سۇك يېئول ھەتتا ب د ت 78- نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدىمۇ شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئەيىبلىدى» دېيىلدى.
ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيەنىڭ بىرلەشمە مانېۋىرىغا ئىشارەت قىلىنغان ماقالىدە يەنە، يون سۇك يېئولنىڭ دۈشمىنىگە يېقىنلىشىش جەھەتتە ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايدىغان، رايون ۋەزىيىتىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان «بۇزغۇنچى ئادەم» ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.