ئىگىلىنىشچە ، خىتاي بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان بىرلەشمە دېڭىز مانېۋىرىغا تەييارلىق قىلماقتا.
خىتايدۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى پەيشەنبە كۈنى خىتاي بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ كېلەر ئاي ئىككىنچى قېتىم بىرلەشمە دېڭىز مانېۋىرى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بېيجىڭ «كۆك قىلىچ 2023» دەپ ئاتىلىدىغان مانېۋىرنىڭ ئۆكتەبىردە خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ۋۇ چيەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: مانېۋىر «چەتئەلدىكى تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى مەركەز قىلىدۇ» ۋە «مەرگەن تاكتىكىسى ، كېمە ھەيدەش ، تىك ئۇچار قونۇش ۋە بىرلەشمە قۇتقۇزۇش مانېۋىرى ئېلىپ بارىدۇ».
ۋۇ مانېۋىرنىڭ «ئىككى ئارمىيەنىڭ ئەمەلىي ۋە دوستانە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئەسكەرلەرنىڭ ئەمەلىي مەشىق سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى» ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىككى دۆلەت 2019-يىلى بىرلەشمە دېڭىز مانېۋىرى ئۆتكۈزگەن.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ، يېقىندىن بۇيان تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ياخشىلاندى.