روسىيەنىڭ گرۇزىيە بىلەن قانۇنلۇق مۇناسىۋىتى بار ئابخازىيەدە دېڭىز ئارمىيە بازىسى قۇرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
گرۇزىيەدىن ئايرىلىغان ئابخازىيە رايونىنىڭ رەھبىرى ئاسلان بجانىيا بۈگۈن «ئىزۋېستيا» گېزىتىگە مۇنداق دېدى: روسىيە بىلەن ئابخازىيە قارا دېڭىز قىرغىقىدىكى مەڭگۈلۈك دېڭىز ئارمىيە بازىسى توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىدى.
بۇ بايانات ئاسلان بجانىيا پرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈپ بىر كۈندىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بجانىيا ئوچامچىردىكى مەڭگۈلۈك دېڭىز ئارمىيە بازىسى ئۈچۈن كېلىشىم ئىمزالانغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئابخازىيە رەھبىرى مۇنداق دېدى: «بىز كېلىشىم ئىمزالىدۇق ، يېقىن كەلگۈسىدە روسىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئوچامچىر رايونىدا مەڭگۈلۈك بازىسى بولىدۇ».
روسىيە بۇ مەسىلە توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلمىدى.
گەرچە روسىيەنىڭ بۇ رايوندا دېڭىز ئارمىيىسى بازىسى قۇرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى قاراش 2009-يىلدىن باشلاپ كۈن تەرتىپىدە بولسىمۇ ، ئەمما بۇ تەلەپ رەسمىيلەشمىگەن ئىدى. روسىيەنىڭ قىرىمدىكى دېڭىز ئارمىيە بازىسى ئۇكرائىنا تەرىپىدىن نىشان قىلىنغاندىن كېيىن ، روسىيە بۇنداق قارار چىقارغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارالماقتا.
دېڭىز ئارمىيە بازىسى قۇرۇلىدىغان نۇقتا تۈركىيە زېمىنىدىن تەخمىنەن 100 كىلومېتىر يىراقلىقتا.
روسىيە 2008-يىلى 8-ئايدا گرۇزىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشتىن كېيىن ئابخازىيەنى مۇستەقىل دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلغان. گرۇزىيە بۇ رايونلارنى «روسىيە ئىشغالىيىتى ئاستىدا» دەپ تەسۋىرلىدى.