خىتاينىڭ يادرو ئېنېرگىيەلىك بىر سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ سېرىق دېڭىزدىكى دۈشمەن سۇ ئاستى پاراخوتلىرى ئۈچۈن قۇرۇلغان تۇزاققا چۈشۈپ قېلىپ، 55 كىشىلىك پاراخوت خادىمىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
ئەنگلىيەنىڭ «تايمىس گېزىتى» ۋە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» قاتارلىقلارنىڭ ئەنگلىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ پاش قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان «مەخپىي» كودلۇق دوكلاتنى ئاساس قىلغان خەۋەلىرىگە قارىغاندا، خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى 21 – ئاۋغۇست دۆلەتنىڭ شىمالىغا جايلاشقان شەندۇڭ ئۆلكىسى دېڭىز تەۋەلىكىدە «لەڭگەر ۋە زەنجىر» دەپ ئاتىلىدىغان سۇ ئاستىدىكى توسىقىغا چۈشۈپ قالغان.
مەزكۇر دۆلەت بىخەتەرلىك دوكلاتىدا، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتلىرى ئۈچۈن قۇرۇلغان» قىلتاققا چۈشۈپ قالغان خىتاي سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ئالتە سائەت بويىچە سۇ يۈزىگە چىقالمىغانلىقى، باتارېيەسى خوراپ، ئوكسىگېن سىستېمىسى ئىشلىمىگەنلىكى ئۈچۈن، پاراخوتنىڭ كاپىتانى پولكوۋنىك شۈ يوڭ پىڭ قاتارلىق 22 ئوفىتسېر، يەتتە نەپەر ئوقۇغۇچى ئوفېتسىر، توققۇز ياردەمچى ئوفېتسىر ۋە 17 ئەسكەر بولۇپ، جەمئىي 55 كىشىلىك پاراخوت خادىمىنىڭ ئوكسىگېن يېتىشمەي ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
«Dail Mail» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر ئەنگلىيە سۇ ئاستى پاراخوتى ئەسكىرى، ۋەقە يۈز بەرگەندە، خىتاينىڭ خەلقئارادىن قۇتقۇزۇش ياردىمى تەلەپ قىلىشنى خالىمىغان بولۇش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خىتاي بۇ ۋەقەنى تېخى جەزملەشتۈرمىدى، ئەنگلىيە خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيەسىمۇ بۇ ھەقتە گېزىتلەرگە بايانات بېرىشنى رەت قىلدى.
ۋەقە يۈز بەرگەندە، خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بىر يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ سېرىق دېڭىز ئەتراپىدا ياكى تەيۋەن بوغۇزىدا ھادىسىگە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا مىش- مىش پاراڭلار تارقالغانىدى.