ئوتتۇر شەرىقباشبەتتەۋسىيەخەلقئارا خەۋەرلەر

تاجاۋۇزچى ئىسرائىلىيەدىكى ھەربىر بەش يەھۇدىنىڭ بىرى قوراللانغان

تاجاۋۇزچى ئىسرائىلىيەدىكى يەھۇدىيلارنىڭ زور بىر قىسمى ئىسرائىلىيەنىڭ قوراللىق ھەركىتىگە قاتناشقان.

تاجاۋۇزچى ىسرائىلىيە دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ قورال تارقالغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى.

ھەربىي كۈچلەردىن باشقا ، پۇقرالارمۇ قوراللانغان ۋە ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي ھەركىتىگە قاتناشقان.

تاجاۋۇزچى ئىسرائىلىيەدە تەخمىنەن 7 مىليون يەھۇدىي ياشايدۇ. ئىسرائىلىيە كۈچلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يەھۇدىيلاردىن تەركىب تاپقان. گەرچە قوراللىق كۈچلەر ئارىسىدا درۇز ، خىرىستىيان ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ئامىللىرى بولسىمۇ ، ئەمما ئۇلارنىڭ سانى نەچچە مىڭدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

ئىسرائىلىيەدىكى ھەربىي قوراللىق كۈچلەرنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە:

  • ئىسرائىلىيە قوراللىق قىسىم: 169 مىڭ 500 ئادەم
    – زاپاس قىسىم (مەجبۇرىي ھەربىي خىزمەتنى تاماملىغان ، ئەمما مەلۇم ۋاقىتتا چاقىرىلىدىغان ئارمىيە بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزمىگەنلەر): 465 مىڭ ئادەم
    – ساقچى قىسىمى (پىدائىيلار بىلەن): تەخمىنەن 60 مىڭ ئادەم
    – چېگرا ساقچى قىسىمى : تەخمىنەن 10 مىڭ ئادەم
    – ئىستىخبارات (موساد ، شىن بېت ۋە ھەربىي ئاخبارات كۈچلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى): ​​تەخمىنەن 15 مىڭ ئادەم
    – قورال كىنىشكىسى بار كىشىلەر (كۆپىنچىسى يەھۇدىيلار): تەخمىنەن 150 مىڭ. كىنىشكىسى يوق قوراللارنى ئېلىپ يۈرگەنلەرنىڭ سانى ئېنىق ئەمەس.
    * ھەر بەش يەھۇدىنىڭ بىرى قوراللانغان
    بۇ قوراللق كۈچنىڭ ئومۇمىي سانى 869 مىڭ 500 ئادەمگە توغرا كېلىدۇ. بۇ سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، ئىسرائىلىيەدە 15-64 ياشقىچە بولغان نوپۇسنىڭ تەخمىنەن 21 پىرسەنتى ، يەنى دۆلەتتىكى ھەر 5 يەھۇدىنىڭ بىرى قوراللانغان.
  • قورال كىنىشكىسى بار يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئارمىيە ۋە ساقچىلارنىڭ ماسلىشىشى بىلەن ھەربىي گۇرۇپپىلاردا ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇ كىشىلەر ئادەتتە M4 تىپلىق قورال ئىشلشىتىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button