ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان رايوندا يېڭى فرونتنىڭ ئېچىلىش – ئېچىلماسلىقىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھەرىكەتلىرىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىراننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى — IRNA نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئابدۇللاھىيان رايون دۆلەتلىرىگە قاراتقان زىيارىتى دائىرىسدە باغدادقا بېرىپ، باش مىنىستىر مۇھەممەد شىيا ئەسسۇدانى بىلەن كۆرۈشكەن.
پەلەستىن ۋە غەززەدىكى ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىنغان ئۇچرىشىشتا، ئابدۇللاھىيان «ئىسرائىلىيەنىڭ پۈتۈنلەي مۇھاسىرىگە ئېلىۋالغان غەززەدە كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى»نى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى تەرەپلەرنىڭ تېل ئاۋىۋ ھۆكۈمىتىنى قوللاۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «بۇنداق شارائىت ئاستىدا ھەر خىل ئېھتىماللىقلار يۈز بېرىشى ۋە رايوندا يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە شاھىت بولۇشىمىز مۇمكىن» دېگەن.
ئابدۇللاھىيان 7- ئۆكتەبىر پەلەستىن گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى قوزغىغان «ئەقسا توپانى ھەرىكىتى»نىڭ پۈتۈنلەي پەلەستىنلىكلەرگە خاس شۇنداقلا «ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رادىكال سىياسەتلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان شارائىتنىڭ نەتىجىسى» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
پەلەستىنلىكلەرنى قوللاشقا مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق پوزىتسىيەنى قارشى ئالىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئابدۇللاھىيان، ئۆزلىرىنىڭ غەززە خەلقىگە ياردەم يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن، قىزىل كرېست جەمئىيىتى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەمەلدارلىرى بىلەن، شۇنداقلا رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەنمۇ ئالاقىشىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە سادىر قىلىۋاتقان ئۇرۇش جىنايىتىنى توختىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ۋە بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئىراقنىڭ رولىنىمۇ ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بىر قىسىم دۆلەت ئەمەلدارلىرىنىڭ تېھراندىن بۇ رايوندا يېڭى بىر فرونت ئېچىش مۇمكىنچىلىكى بار – يوقلۇقىنى سورىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئابدۇللاھىيان: «بىز ئۇلارغا كەلگۈسىدىكى مۇمكىنچىلىكلەرنىڭ جاۋابىنىڭ زىئونىست ھاكىمىيەتنىڭ غەززەدىكى ھەرىكىتىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
ئىراق باش مىنىستىرى سۇدانى بولسا، دۆلىتىنىڭ پەلەستىننى ئىزچىل قوللاپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلىپ: «بىز ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ پەۋقۇلئاددە يىغىن چاقىرىپ، غەززەدىكى ۋەزىيەتنى مىنىستىرلار، ھەتتا پىرېزىدېنتلار قاتلىمىدا مۇزاكىرە قىلىشىنى قوللايمىز ۋە بۇنى قىلىش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ياردەمنى قىلىشقا تەييارمىز» دېدى.