4K
ئامېرىكا يېقىندا شەرقىي ئاق دېڭىزغا تاجاۋۇزچى ئىسرائىلىيەنى قوللاش ئۈچۈن ئاۋىئاماتكا ئورۇنلاشتۇردى.
تۈركىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشى (NAVTEX) دا سىپرۇس دېڭىز قىرغىقىدا مانېۋىر ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە دېڭىز ئارمىيىسى 16-ئۆكتەبىردىن 20-ئۆكتەبىرگىچە شەرقىي ئاق دېڭىزدا ئەمەلىي ئوق چىقىرىش مەشىقى ئېلىپ بېرىلىدىغان توغرىسىدا ئۇقتۇرۇشى بەردى.
10-ئاينىڭ 13-كۈنى ئانتاليادا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرىدا تۆۋەندىكى بايانلار كىرگۈزۈلدى: «10-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە 0600Z-1500Z ئارىلىقىدىكى دېڭىزدا ئوق چىقىرىش مەشىقى ئېلىپ بېرىلىدۇ».
بىلگىنىمىزدەك ئامېرىكا ئالدىنقى ھەپتە تاجاۋۇزچى ئىسرائىلىيەنى قوللاش ئۈچۈن USS گېرالد فورد زەربە بېرىش گۇرۇپپىسىنى رايونغا ئەۋەتكەن ئىدى.