ئامېرىكائوتتۇر شەرىقباشبەتتەۋسىيەخەلقئارا خەۋەرلەر

ئىئوردانىيە: بىز ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرنى زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىشىنى «ئۇرۇش ئېلانى» دەپ قارايمىز

ئىئوردانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئايمان سافادى ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرنى زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىش پىلانى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

ئىئوردانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئايمان سافادى چارشەنبە كۈنى مۇنداق دېدى: ئىئوردانىيە پەلەستىنلىكلەرنى ئۆيىدىن يەنە بىر قېتىم قوغلاپ چىقىرىشقا قاتناشمايدۇ.

ئىئوردانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، سافادى ئۆز دۆلىتىنىڭ توقۇنۇشنى توختىتىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىۋاتقانلىقىنى ، ئەمما پەلەستىنلىكلەرنى كۆچۈرۈشكە ئۇرۇنۇشنى «ئۇرۇش ئېلانى» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ «يېڭى ناكبا» ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ «ئىشغالىيىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە كەسكىنلەشكەن كرىزىسنى قوشنا دۆلەتلەرگە يۆتكىشىگە» يول قويمايدىغانلىقىنى قوشۇپ قويدى.
«ناكبا» 1948-يىلى ئىسرائىلىيە ئىشغال قىلغان يەرلەردىن پەلەستىنلىكلەرنى قۇغلاپ چىقىرىشتا قوللانغان ئىسىم.

غەززەدىن پەلەستىنلىكلەرنى باشقا دۆلەتكە قوغلاشنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان سافادى ئىسرائىلىيەنى پەلەستىنلىكلەرگە قارشى ئۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىدى.

سافادى مۇنداق دېدى: «ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق. بىز ئۇرۇشنىڭ توختىتىلىشىنى ، غەززە رايونىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىلىشىنى ۋە پۇقرالارنىڭ قوغدىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز». دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button