ئامېرىكا ، كانادا ، فرانسىيە ، گېرمانىيە ، ئىتالىيە ۋە ئەنگىلىيە رەھبەرلىرى بىرلەشمە باياناتىدا تاجاۋۇزچى ئىسرائىلىيەنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رەھبەرلەر 22-ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا ،ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ، ئىسرائىلىيەنى خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا ئەمەل قىلىپ ، پۇقرالارنى قوغداشقا چاقىردى.
داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلار ھەققىدە تور يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتىدا ، رەھبەرلەر خاماسنىڭ ئىككى تۇتقۇننى قويۇپ بەرگەنلىكىنى قارشى ئالدى ھەمدە قالغان بارلىق تۇتقۇنلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
باياناتتا ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن ، كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو ، فرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز ، ئىتالىيە باش مىنىستىرى گىئورگىيا مېلونى ۋە ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى رىشى سۇناك بۇ رايوندىكى پۇقرالارنى ، بولۇپمۇ غەززەدىن ئايرىلماقچى بولغانلارنى قوللايدىغانلارغا ۋەدە بەردى.
غەززەگە تۇنجى قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالغان تەرەپلەر رايون ھەمكارلاشقۇچىلىرى بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىپ ، غەززەدىكى 2 مىليون 200 مىڭ كىشىگە يېمەكلىك ، سۇ ، داۋالاش ۋە باشقا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە «سىجىل ۋە بىخەتەر ئېرىشىش» كە كاپالەتلىك قىلىشقا ۋەدە بەردى.
ئۇلار يەنە رايوندىكى مۇھىم شېرىكلەر بىلەن يېقىن دىپلوماتىك ماسلىشىشنى ساقلاپ ، «توقۇنۇشنىڭ كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىق ئۈچۈن تىرىشىش» قا قوشۇلدى.
ئامېرىكا ۋە غەربتىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەنى قوللاش باياناتى تاجاۋۇزچى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇمىنى كۈچەيتىۋاتقان پەيتتە ئوتتۇرىغا قويۇلدى.