تاجاۋۇزچى ئىسرائىلىيە پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خاماسنىڭ تېرورلۇق تەشكىلاتى ئەمەسلىكى توغرىسىدىكى سۆزىگە ئىنكاس قايتۇردى.
ئەردوغان بۈگۈن قىلغان سۆزىدە خاماسنى «مۇجاھىدلار توپى» دەپ تەسۋىرلىدى.
ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئەردوغاننىڭ سۆزىگە جاۋاب قايتۇردى.
مىنىستىرلىق باياناتچىسى تۆۋەندىكى بايانلارنى قىلدى: «ئىسرائىلىيە تۈركىيە پرېزىدېنتىنىڭ تېرورلۇق تەشكىلاتى خاماسقا قارشى قىلغان كەسكىن سۆزلىرىنى رەت قىلدۇ.
خاماس «شام ئىسلام دۆلىتى» دىنمۇ ناچار تېرورلۇق تەشكىلاتى ، ئۇ بوۋاقلارنى ، بالىلارنى ، ئاياللارنى ۋە ياشانغانلارنى رەھىمسىزلەرچە ۋە قەستەن ئۆلتۈرىدۇ ، پۇقرالارنى گۆرۈگە ئالىدۇ ۋە ئۆز خەلقىنى ئىنسان قالقىنى قىلىپ ئىشلىتىدۇ.
ھەتتا تۈركىيە پىرىزدېنتىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ۋە ئۇنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك سۆزلىرىنى قوغداشقا ئۇرۇنۇشى پۈتۈن دۇنيا كۆرگەن قورقۇنچ ۋە مۇتلەق ھەقىقەتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ: خاماس = ISIS ».