ئاسىيائوتتۇر شەرىقباشبەتتەۋسىيەخەلقئارا خەۋەرلەر

قىرغىزىستان ئىراننىڭ پورتلىرىنى ئىشلەتمەكچى

قىرغىزىستان مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئاقلىكبېك جاپاروف دۆلىتىنىڭ ئىراننىڭ دېڭىز پورتلىرىنى قاتناش ئىشلىرىغا ئىشلىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ يازما باياناتىغا قارىغاندا ، ئەلىكبەك جاپاروف ئىراننىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مۇھەممەد مۇخبىر بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ ، ئۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن قىرغىزىستانغا كەلگەن.

ئىراننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا تولۇق ئەزا بولغانلىقىنى تەبرىكلىگەن جاپاروف ، ئىراننىڭ بۇ تەشكىلاتنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

جاپاروف قۇرۇقلۇقتىكى قىرغىزستان بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ئىراننىڭ دېڭىز پورتلىرىنى قاتناش ۋە تىرانسىپورت ئىشلىرىدا ئىشلىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

قىرغىزىستاننىڭ ئىرانغا پۇرچاق ئېكسپورت قىلىش پۇرسىتى بارلىقىنى توغرىسىدا جاپاروف مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ پۇرچاقنى ئىران بازىرىغا چىقىرىشتا زور يوشۇرۇن كۈچىمىز بار. 2022-يىلى پۇرچاقنىڭ ئومۇمىي ھوسۇلى 78 مىڭ 276 توننىغا يەتتى».

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button