قاتار ئىسرائىلىيەگە جاسۇسلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان ھىندىستان دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ سابىق خادىملىرىغا ئۆلۈم ئىجرا قىلىماقچى.
ھىندىستان ھۆكۈمىتى قاتاردىكى بىر سوتنىڭ ئۆتكەن يىلى بۇ دۆلەتتە قولغا ئېلىنغان سەككىز ھىندىستان پۇقراسىغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىنى بايان قىلىپ ، بۇ قاراردىن «قاتتىق ھەيران قالغانلىقى» نى ئوتتۇرىغا قويدى.
يەرلىك تاراتقۇلار قاتاردىكى بىر شەخسىي شىركەتتە ئىشلەيدىغان سەككىز كىشىنىڭ 2022-يىلى 8-ئايدا «جاسۇسلۇق» جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
ھىندىستان مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، بۇ كىشىلەر پىنسىيەگە چىققان ھىندىستان دېڭىز ئارمىيىسى ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى بولۇپ ، ئۇلار ئەل دەھرا ناملىق مەسلىھەت بېرىش شىركىتىدە ئىشلەيدىكەن ھەمدە سۇ ئاستى پاراخوتى سېتىۋېلىشتا قاتار ھۆكۈمىتىگە خىزمەت قىلىدىكەن.
يېڭى دېھلىنىڭ باياناتىدا «سوتنىڭ مەخپىي خاراكتېرى سەۋەبىدىن ، بۇ باسقۇچتا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا باھا بېرىش مۇۋاپىق ئەمەس» دەپ كۆرسىتىلدى.