خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سابىق باش مىنىستىر لى كېچىياڭ شاڭخەيدە دەم ئىلىۋاتقاندا يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ ، شۇ يەر ۋاقتى 27-ئۆكتەبىر كېچە سائەت 10 مىنۇت ئۆتكەندە 68 يېشدا ئۆلگەن.
لى كېچىياڭ ھايات ۋاقتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى پىلانلاش، نازارەت قىلىش ، ئىجرا قىلىشقا تەسىر كۆرسەتكەن ئاساسلىق
خىتاي رەھبەرلىرىدىن بىرى ۋە مەركىزى كومىتېت ئەزاسى.
لى كېچىياڭ 2013-يىلدىن 2023-يىلى مارتقىچە شى جىن پىڭنىڭ قول ئاستىدا باش مىنىستىر بولغان. ئەسلىدە دۆلەت رەئىسى بولۇشقا نامزات كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، شى جىنپىڭنىڭ قوللىغۇچى گۇرۇھى تەرىپىدىن مۇرەسسە قىلىنىپ، باش مىنىستىر (خىتايچە زوڭلى) بولۇشقا كېلىشكەن.
لى كېچياڭ خىتاينىڭ داڭلىق بېجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتقا ئوقۇغان ئىقتىسادشۇناس بولۇپ، شى جاللاتقا قارىغاندا، بىلىملىك ۋە كىتابخۇمار دەپ ھېسابلانغان.
لى كېچىياڭ 2020-يىلى «خىتايدا 600 مىليون پۇقرا ئېيىغا 140 دوللاردىن تۆۋەن كىرىم قىلىدۇ»دېگەن سۆزى بىلەن كومپارتىيە ئىچى ۋە دۇنيادا تەسىر قوزغاپ، شى جاللاتنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان. ئۇ يەنە شى جاللاتنىڭ ۋىرۇس سەۋەبىدىن قامال قىلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىقتىسادى چېكىنىشنى تەنقىد قىلغان.
لى كېچىياڭ يەنە شى جاللات بىلەن مۇناسىۋىتى ئەڭ ناچار بولغان خىتاي رەھبىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى گۇمان قوزغىماقتا.