خىتاينىڭ خەرىتە يۇمتاللىرىدا پۈتكۈل دۆلەتلەرنىڭ ئىسمى ۋە بايراقلىرى بار بولۇپ، ئىسىتىرىلكا ئىسىرائىلىيە ۋە پەلەستىن ئۈستىگە كەلگەندە ئىسىرائىلىيە بايرىقى بىلەن ئىسمىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكى بايقالدى. ئىستىرىلكىنى رايوندىكى شەھەرلەر ئۈستىدە ئايلاندۇرغاندا، شەھەر ئىسىملىرىنىڭ كۆرۈنىدىغانلىقى، ئەمما ئىسىرائىلىيە ئىسمى ۋە بايرىقىنىڭ چىقىرىۋېتىلگەنلىكى ئېنىقلاندى.
بۇ ئەۋال، ئەقلىيفونلاردىكى خەرىتە يۇمتالىدىمۇ كۆرۈلگەن.
خىتاي شىركەتلىرى بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.
خىتاي ئىسىرائىلىيە بىلەن پەلەستىننى رەسمىي ئېتىراپ قىلىدىغان بولۇپ، ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنى ئىككى دۆلەت لايىھەسى بىلەن ھەل قىلىشنى ۋە پەلەستىن دۆلىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
خىتاي ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىغا قارشى ئۇرۇش توختىتىشنى چاقىرىق قىلماقتا.
ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى قاسسام بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىر (2023) دە ئىسرائىلىيەگە «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە بۇنىڭغا قارشى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىمۇ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە رايونىغا قارشى «تۆمۈر قىلىچ» ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا، ئىككى تەرەپتىن مىڭلىغان كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.