ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى مېدىيا ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، نىتانىياھۇ بىر ھەربىي بازىنى كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا سۆز قىلىپ: «غەززە شەھىرىنىڭ چەت مەھەللىلىرىگە يېقىنلىشىۋاتىمىز ۋە ئېچىنىشلىق تالاپەتلىرىمىز بار» دېگەن.
«بىز ئىلگىرىلەۋاتىمىز» دېگەن نېتانياھۇ، «ھېچقانداق نەرسىنىڭ ئۆزلىرىنى توسۇپ قالالمايدىغانلىقى »نى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە غەززەنىڭ شىمالىدىكى پۇقرالارنىڭ جەنۇبقا كۆچۈش كېرەكلىكى توغرىسىدىكى چاقىرىقىنى قايتا تەكىتلەپ، «ھاماسنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى توختاتمايدىغانلىقلىرى»نى ئەسكەرتكەن.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى باياناتچىسى دانىيال خاگارىمۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
ئۇ غەززەنىڭ تولۇق مۇھاسىرىگە ئېلىنىپ بولغانلىقىنى، ئىسرائىلىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇرۇش توختىتىشتىن ئىبارەت بىر تاللاشنىڭ كۈنتەرتىپلىرىدە يوقلۇقىنى تەكىتلىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، غەززەدە قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى باشلانغان 31- ئۆكتەبىردىن بۇيان يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا 23 ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
باياناتتا، غەززەدىكى تۈنۈگۈنكى توقۇنۇشلاردا تۆت ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكى، ئىككىسنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقى قەيت قىلىندى.
پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان «قەسسام بىرىگادىسى» 7 – ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرنىڭ ۋە مەسجىدى ئەقسانى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇقەددەس ئورۇنلارنى ھۆرمەت ۋە ھوقۇقىنى ئىزچىل دەپسەندە قىلىشىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىمۇ غەززەنى شىددەتلىك بومباردىمان قىلىشنى باشلىغانىدى.