ئامېرىكائوتتۇر شەرىقباشبەتتەۋسىيەخەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىغا تەۋە تىزگىن ئۇچقۇلىرى غەززە ئاسمىنىدا ھەرىكەت قىلماقتا

ئىگىلىنىشچە ، ئامېرىكىنىڭ تىزگىن ئۇچقۇلىرى غەززە رايونىنىڭ ئاسمىنىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلماقتا.
ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ غەززە رايونىنىڭ ئاسمىنىدا رازۋېدكا قىلىش ئۈچۈن تىزگىن ئۇچقۇلىرى ئۇچقانلىقى بايان قىلىندى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئەمەلدارلىرى «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ، بۇ ئۇچۇرنى دەلىللىدى.

ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى تىزگىن ئۇچقۇلىرىنىڭ تۇتقۇنلارنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

تىلغا ئېلىنغان ئايروپىلاننىڭ ئامېرىكا ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرى ئىشلەتكەن MQ-9 ئورمىچىلار ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى.

ئامېرىكىنىڭ تىزگىن ئۇچقۇلىرىنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ بۇ رايوندا ئۇچۇۋاتقانلىقى كۆرسىتىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا ، بۇ «ئۇچۇش» نىڭ مەقسىتى ئىسرائىلىيەنىڭ قۇرۇقلۇقتىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى قوللاش ئەمەس ، بەلكى ئامېرىكا پۇقرالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۇتقۇنلارنى تېپىش ئىكەن.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button