جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى شىمالىي كورېيەنىڭ تەھدىتلىرىگە قارشى بىرلەشمە دېڭىز مانېۋىرى باشلىدى.
جەنۇبىي كورېيە دېڭىز ئارمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈنۈگۈن باشلانغان شەرقىي دېڭىزدىكى مانېۋىرنىڭ تۆت كۈن داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
باياناتتا، مانېۋىرغا جەنۇبىي كورېيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 10 ئۇرۇش پاراخوتى ۋە “ROKS Seoae Ryu Seong-ryong” ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوتى بىلەن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قوغلىغۇچى پاراخوتى «رافائىل پېرالتا» نىڭ قاتنىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.
باياناتتا يەنە، مانېۋىرغا پاراخوتلاردىن باشقا، جەنۇبىي كورېيەنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتلارغا قارشى ئىشلىتىلىدىغان P-3 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى بىلەن F-15K ۋە FA-50 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بولسا، A-10 تىپلىق ھۇجۇمچى ئايروپىلانلىرىنىڭ قاتنىشىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.
باياناتتا، ئىككى دۆلەت ھەربىي قىسىملىرىنىڭ «چارلاش، دۈشمەن سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنى يوقىتىش» ۋە «ئالاھىدە قىسىم ئەترەتلىرى»گە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىرىنى تەتبىقلاشقا تىرىشىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.