ئىگىلىنىشىچە ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 11 مىڭ 500 گە يەتكەن.
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىنىڭ 40-كۈنى ئۆتۈپ كەتتى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى غەززە رايونىدىكى نۇرغۇن ئولتۇراق رايونلارنى ھاۋا ، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدىن داۋاملىق بومباردىمان قىلدى.
شەھەر ئىچىدە توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا.
پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىكى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 11 مىڭ 500 گە يەتكەن.
بومباردىماندا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ 4 مىڭ 710 ىنىڭ بالىلار ، 3000 مىڭ 160 كىشىنىڭ ئاياللار ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.
ھۇجۇمدا 30 مىڭغا يېقىن ئادەم يارىلانغان.
غەززەدىكى 1 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە 198 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى داۋام قىلىۋاتقان غەززە رايونىدا قازا قىلغان ۋە يارىلانغانلارنىڭ كۆپىيىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.