ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون، بەش بۇرجەكلىك بىنا) 17-ئۆكتەبىر (2023) دىن تارتىپ ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىغا تەخمىنەن 58 قېتىم ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مىنىستىرلىقنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى سابرىنا سىنگ كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا بازىلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇملار ئۈستىدە توختىلىپ: «17-ئۆكتەبىردىن تارتىپ ئەسكەرلىرىمىزگە 58 قېتىم ھۇجۇم قىلىندى، ئەمما ھەممىسى مەغلۇب بولدى. ئۇل-ئەسلىھەلىرىمىز زىيانغا ئۇچرىمىدى ۋە بىر ئەسكىرىمىزمۇ ئېغىر يارىلانمىدى. يىنىك يارىلانغان ئەسكەرلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ۋەزىپىسىگە قايتتى. بۈگۈنكىنى ھېسابلىغاندا تەخمىنەن 58 قېتىم ھۇجۇم قىلىندى. ئىراقتىكى ھەربىي بازىلارغا 27 قېتىم، سۈرىيەدىكى ھەربىي بازىلارغا 30 ياكى 31 قېتىم ھۇجۇم قىلىنغان بولدى» دېدى.
ئۇ ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇملارغا ئىنكاس قايتۇرۇلمىغانلىقى توغرىسىدىكى سۆز-چۆچەكلەرگە نارازىىق بىلدۈرۈپ: «ئاخىرقى ئۈچ قېتىملىق ھۇجۇمغا قايتۇرغان جاۋابىمىزنى كۆرگەن بولۇشۇڭلار مۇمكىن. بىرىنچى جاۋابىمىزدا قوماندانلىق قىلىش مەركىزى، قالغان ئىككى جاۋابىمىزدا قورال-ياراغ ئىسكىلاتى ۋە تەلىم-تەربىيە مەركەزلىرى بىتچىت قىلىندى. ئەگەر ھۇجۇملار كۆپەيسە، قەتئىيلىك بىلەن ئۆزىمىز بېكىتكەن يەر ۋە ۋاقىتتا جاۋاب قايتۇرىمىز. ھازىر ئامېرىكا بازىلىرىغا قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملار كۆپ ئازايدى» دېدى.